Discoverئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
Claim Ownership

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Author: RFA

Subscribed: 7Played: 6,428
Share

Description

ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى كۈندە رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تور بەت ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ
348 Episodes
Reverse
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى - ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېرىلگەن «ئامان قالغانلارنىڭ كۆزىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بىر نەزەر» ناملىق دوكلات كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى - «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» دە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى - د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ميۇنخېندا زور نامايىش ئېلىپ بېرىلدى - «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - USCIRF: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە تەھدىت سالماقتا» - مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» نىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ تاشلىدى - سەككىز توملۇق «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى» تۈركىيەدە يورۇق كۆردى - ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يوشۇرۇشتىكى خىتايچە ساختاپەزلىك - ئۇيغۇر گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف پارىژدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان سالاھىيەتنى قولغا كەلتۈردى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - تىيا لې: «ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ھالدىكى ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق» - چەت ئەللىكلەر نەزىرىدىن تۈنۈگۈنكى «قەدىمىي قەشقەر» ۋە بۈگۈنكى «مۇزېيلاشتۇرۇلغان قەشقەر» - چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەپتىدە بەش كۈن داۋام قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى - مايكېل سوبولىك: «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك!» - يالۇۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر - دولقۇن ئەيسا: «د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق مۇراسىمى سىياسىي، مەدەنىي، قېرىنداشلىق پىروگراممىلىرى بىلەن تولغان» - UHRP نىڭ يېڭى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى! » - گېرمانىيەدىكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلدىمۇ؟ - خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش» ھەرىكىتىنىڭ شەپىسىنى بەرگەن - ئابدۇللا گۈل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - خىتاي باش ئەلچىسى شيې فېڭنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىشى كۈچلۈك تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى - د ئۇ ق ھەيئىتى مالايسىيادا ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى - خىتاي ھاكىمىيىتى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن قانداق پايدىلىنىپ كەلدى؟ - پايلاقچىلىق قىلىۋېتىپ ھىدايەت يولىنى تاپقان سېكرېتار ياسىن تۇرسۇن 7 يىللىق كېسىلگەن - ئابدۇللا گۈل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلدى - مۇتەخەسسىسلەر: «ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر» - مۇتەخەسسىسلەر: «‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى قارار ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» - «خەلقنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى چالىدا تاجارونسۇك: «تايلاند خەلقئارالىق قانۇنلارغا بويسۇنمايۋاتىدۇ» - ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېفنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى - قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» دىرامىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرس سمىس بىلەن سۆھبەت - خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى «ئۇيغۇر» بولۇۋېلىشنىڭ ئارقىسىغا نېمە غەرەزلەر يوشۇرۇنغان؟ - ئۇيغۇر ياشلىرى ئەسما ۋە ئامىنە بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇر داۋاسىدىن توختاپ قالمايمىز!» - خىتاينىڭ يېڭىساردىكى يالغان كىرپىك ياساش بازىسى ۋە ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى - قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» دىرامىسى ئالقىشقا ئېرىشتى - خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇلغان بىر ئۇچى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - بىلىنكېن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقىلىق خىتايغا قانداق سىگنال بەرمەكچى بولدى؟ - خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدىكى ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ - ئادرېئان زېنز: «خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلماقتا» - مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئىمىننىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققان، ئايالى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەن - ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى - تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى» نامىدا كىتاب نەشر قىلىندى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى - ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمكى تىللار سىياسىي ئىختىلاپ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى - مۇنەۋۋەر ئابدۇللا: «زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازىنى خىتايغا يۈزمۇ يۈز ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇھىم» - ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف «قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى» نامىغا ئېرىشتى - شىۋېتسىيەدە دوختۇر ئەمىر ئەختەم ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتا ساۋاتلىرى بەردى - مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (46): خوتەن ۋىلايتىدە دېموكراتىك سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەتتىن كېيىن ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە 5 يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس يىللار بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ۋە گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى، بۇغرانىڭ سىياسىي كۈرەش ھاياتىدىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كەسكىن سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - ئېلىشا ۋىزېل: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن مەڭگۈ توختىمايمىز! - ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق خادىمى ئېمما رېيلى: «خىتاي ب د ت نى سېتىۋالغان» - دەيۋىد رېننى: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازايغانلىقىغا شاھىت بولدۇم» - مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ» - ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەركىنلىك دۈشمىنى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى - ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاۋاتقان شىركەتلەرگە مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سالغان - قەشقەر خانئېرىقتا 120 كىشى جازا ئۆتەۋاتقان تاۋاقچى مەھەللىسىدىن پەقەت بىر كىشىلا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن - ما جۈ: «جۇڭخۇا مىللىتى ئىجاد قىلىنىپ ياسالغان سۆز، ئۇيغۇرلار ئاسان ئاسسىمىلياتسىيە بولمايدۇ» - تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا چاقىرىلماقتا
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ======================= - «‪ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش»نىڭ يېڭى مۇساپىسى: ھەمكارلىق ۋە ئىزچىللىق - خىتايدىن كېلىۋاتقان فەنتانىل ئۈمىدسىزلىكنىڭ دورىسى ئەمەس، بەلكى جان ئالغۇچى قاتىلدۇر - پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە - ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» توغرىلىق سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت - خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى باشلانسا، بۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ====================== - «‪ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرگەزمە پائالىيىتى قىزغىن ئالقىشلاندى - «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى شىنجاڭنى چۈشىنىشتىكى تىپىك بىر ئۆرنەك» دېيىشتىكى مەقسەت نېمە؟ - ئۇيغۇر ئېلىدە يەر بۇلاڭچىلىقى داۋام قىلماقتا، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا - C4ADS نىڭ دوكلاتى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق قىزىۋېلىنغان ئالتۇنلار دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلمەكتە» - «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى دەيۋىد رەنى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغان» - شولىزنىڭ مەغلۇبىيەتلىك خىتاي زىيارىتى ۋە كۆپۈككە ئايلانغان ئۈمىدلەر
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ====================== - روشەن ئابباس: ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر - مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن تور تەقىب سىستېمىسىنى خىتاي بويىچە ئومۇملاشتۇرماقتا - خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى ئىشلەتمەسلىك تاكتىكىسىنى قوللانماقتا - خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقان قوش ئۆلچىمى غۇلغۇلا قوزغىدى - ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئائىشە ياسىن خانىم ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى - دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىق ئېلان قىلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ====================== - ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى خىل ھېيت مەنزىرىسى: دائىرىلەر سۇناينىڭ غېمىدە، ئاھالىلەر كاناينىڭ - ھەربىي كۈچتە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ياپونىيە خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا - دوكتور گۈلمىرە بەرداش: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىق زاپىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سەۋەبتۇر» - تۈركىيە باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتنىڭ 70 تىن ئارتۇق دىپلوماتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا يانتاياق بولغان - د ئۇ ق گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولىزغا قويغان 4 تۈرلۈك تەلەپ مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ====================== - خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەت ئەل ئەپلىرىنى چەكلەش ئاگاھلاندۇرۇشى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ - خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىنى قوغداش قارارى، «مۈجمەل» ھەم «كېچىكىپ چىقىرىلغان قارار» دەپ قارالماقتا - زۇمرەتئاي ئەركىن خان جەمەتى چېركاۋىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان - گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالامدۇ؟ - كاناۋازا خانىم: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق» - روزا ھېيتتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ====================== - زۇمرەتئاي ئەركىن روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى - قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن كۈتۈۋالدى - ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇپ، روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى - مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي كۈنسېرى تېخىمۇ تاجاۋۇزچى بولىدۇ، ئامېرىكا ھەر زامان ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك» - ياركەنت خانلىقى ۋە غوجىلار دەۋرىدىن قالغان ھۆججەتلەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا - ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۆلمەس ئۇيغۇر رەھبىرى-ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىغا 110 يىل
2024-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي داھىيسى، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىدۇر.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ====================== - ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇپ، روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى - غۇلجا بايتوقايدا تارتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى - جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تەتقىقاتلار فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان - ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيت كۈنى ئۈچ مەشھۇر ئۇيغۇر ئەربابىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى - خۇپىڭ: «خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانماقتا» - قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بېسىم پەيدا قىلغان
loading
Comments 
Download from Google Play
Download from App Store