Discoverكۈندىلىك ئاڭلىتىش
كۈندىلىك ئاڭلىتىش
Claim Ownership

كۈندىلىك ئاڭلىتىش

Author: RFA

Subscribed: 7Played: 6,447
Share

Description

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

394 Episodes
Reverse
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر .ىنكاس قىلىنىشىچە،  لاگىرلار قۇرۇلۇپ 8 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلە — بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشى ۋە ئۆسمۈر يېشىدا جىسمانىي ئەمگەككە تۇتۇلۇش  ئەھۋالى كۆرۈلگەن.ئۈرۈمچىدىن تېلىپونىمىزنى- - قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى مەھبۇس پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋالىنىڭ راستىنلا مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم مەھبۇس پەرزەنتلىرى 18 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئوقۇشتىن توختىغان . مۈلۇم بولۇشىچە ، مەزكۇر  بالىلارنىڭ  مەكتەپتىن توختىتىشىغا ئاتا-ئانىسىنىڭ جازالىنىشى سەۋەبلىك، ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى، يەنى ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەردە ئىش تاپالىشىغا كۆزى يەتمەسلىكىنىڭ سەۋەب بولغان.مەزكۇر  خادىمنىڭ يەنە رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە،  بۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختىشىغا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقمۇ رول ئوينىغان. . يەنى  بۇ بالىلارنىڭ  كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار بوۋا-مومىسىنىڭ بېقىشىغا قالدۇرۇلغان. بوۋا-مومىسى ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ چاغدا بالىلار مەكتەپتىن توختاپ، قۇرۇلۇشچىلىق قاتارلىق جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان.مەزكۇر ساقچىنىڭ دەلىللەشچە، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان 3 ئاھالىلەر كومىتېتىدىن، ھازىرغا قەدەر  100گە يېقىن مەھبۇس پەرزەنتى ئوقۇشتىن توختىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2-3 نەپىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن؛ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى  15 يىلدىن يۇقىرى، ئاز بىر قىسمى 5-10 يىلدىن كېسىلگەن. مۈلۇم بولۇشىچە دائىرىلار مەزكۇر بالىلارنىڭ  ئستىقبالىدىن ئەندىشە قىلمىغان، ئۇلارنىڭ پەقەت بىكارچىلىقتىن ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەدىشە قىلغان. شۇڭا مەزكۇر ساقچىنى بۇ بۇ بالىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.     بىز بگۈنكى پروگرامىمىزدا يەنە  ئۇيغۇر پەرزەنتى ئارفىيە ئابلەتنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتىدىن سايلانغانلىقى، روشەن ئابباس خانىمنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغانلىقى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بېرىمىز، ئاخىرىدا ئەزىز ئىسا نىڭ " قاماقتىكى روھ" ناملىق كىتاۋىدىن شىئىر دىكلىماتسىيەسى ئاڭلايسىلەر. ئاڭلىتىشىمىزنىڭ تولۇق قىسمىنى تور بېتىمىز ۋا رادىيو دولقۇنلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
مىركامىل تۇرغۇن: خىتاينى ئەنسىرەتكەن مۇزىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈچى. مۇزىكانت، رەقەملىك رېژىسسور مىركامىل تۇرغۇن بىلەن سۆھبەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
يازغۇچى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى كالىفورنىيادا پائالىيەت ئېلىپ باردى، لاگىرلارنى پاش قىلغان پائالىيەتچى گۇەن خېڭ ئامېرىدا پاناھلىققا ئېرىشتى  Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتائامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەرىكىتى تايلاندنىڭ قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشىنى توختىتىپ قالالامدۇ؟مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى لوپنۇردىكى يادرو سىناق بازىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ»مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57) : بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئاقسۇدا روزىدارلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ياكى روزا تۇتۇشقا ئىمكان قويماسلىق ئۈچۈن ئاھالىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانخىتاي ئىقتىسادى پارتلاش ئالدىدىكى «كۆپۈك» مۇ؟تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ب د ت دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرىنى ئەرەب تىلىدا ئوتتۇرىغا قويدىھېنرىك شاجىۋىسكى: «ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا»تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى ھەققىدە ئىنكاسلار بىلدۈرۈلدىئاساسىي قاتلامنى «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى مەۋھۇم قەپەسكە قاماشتىن باشقا نەرسە ئەمەس Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە سىياسەتتىكى ئويۇنلارتىل مەھكۇملۇقى ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ئايرىۋېتىلىشىمۇتەخەسسىسلەر: بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» غا قاتناشقان «ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى» خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدۇگېرمانىيەدە خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا يېڭىدىن بەس-مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە«دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئەزالار» ۋە ئۇيغۇر «ئەزا تەقدىم قىلغۇچى» لارتۈركىيە سوتى تۇنجى قېتىم، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: مىسسۇرى ئىشتاتى كوۋىد يۇقۇمىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدىياۋروپا پارلامېنتى تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا قارشى قارار لايىھەسى ماقۇللىدىدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزمەكچىمەمەت ئېزىز سادىق تۈركىيە سوتىدا خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرى قانداق شەكىللەنگەن؟شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: قەشقەر پەيزىۋاتتا ئاھالىلەر روزا تۇتمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەسئۇل كادىرلارغا ئىسپات يوللاشقا مەجبۇرلانغانئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى DHS نىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدىما شىڭرۇي: «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلدى»«مەدەنىيەت ئىگىدارچىلىقى» ھوقۇقىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى يۈزىفىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى: خىتاينىڭ دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى ئەدلىيە جەھەتتىن پاراكەندىچىلىك سېلىشتۇر Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە «بۈيۈك شاھمات ئىستراتېگىيەسى»ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان يۈك توشۇش لىنىيەلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانمۇ؟دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا پارىژ سوتىغا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشى ئۈستىدىن قايتا ئەرز قىلدى«تەكلىماكان گىرۋىكىنى قاشالاش» كەينىدە…ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 41-نۆۋەتلىك «كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى» دىن ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى«ئاياللار بايرىمى» كۈنى توكيو شەھەر مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاي نېمە ئۈچۈن بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكنى «بېيتىڭ» نامىدا قوللىنىدۇ؟د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى 8-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ھەققىدە تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدىبىڭتۈەن ئاياللىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇتتىن چەكلەشئەخمەت داۋۇتوغلۇ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدىبىشكەكتە 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ۋاپات بولدى8-مارت ئاياللار بايرىمىدا ئىستانبۇلدا «ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ساداسى» ئاڭلىتىلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ھەر قانداق جەڭگە كىرىشكە ھازىر ئىكەنلىكى ھەققىدە قۇرۇق ھەيۋە كۆرسەتكەنلاگېر شاھىتلىرى: «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانى قىلىنماقتا»ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 58-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانما شىڭرۇينىڭ چاقىرىقى ۋە راست-يالغانلار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرماخوتەن قاشتېشى خورىماس خەزىنىمۇ؟ (2) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاند ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دىن قورققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتى: خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنكلارىس دىئاز: «خىتاينىڭ قازاقىستاندا ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتى قۇرۇشى خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە»خوتەن قاشتېشى خورىماس خەزىنىمۇ؟پارلامېنت ئەزاسى بۇغرا قاۋۇنجۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا سوئال قويدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانئاقسۇدا ئىككى نەپەر ياش ھىجرەت پىلانىدىن ۋاز كەچكەن تۇرۇقلۇق 9 يىللىقتىن كېسىلگەنئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمىشقا گەپ قىلمايدۇ؟ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىپتارلىق زىياپەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان«لاگېرلار» : زور كۆلەملىك قاماقنىڭ دۇنياۋى تارىخىخىتاي مىللىي قەھرىمانلىرى: ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە مەجبۇرىي تېڭىلغان «ئۈلگە» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن تايلاندنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدىقازاقىستان پۇقراسى جانات جېڭىز يۇرتى ئالتايغا زىيارەتكە بارغاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ناكا قىلىنغانسەرپىل پەنەس شاھىن خانىم: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قانۇنىي كۈرەشنى داۋام قىلىمەن»خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىسەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدىمۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (56): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى ۋەتەنگە قانداق ئېلىپ كىرىلگەن؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ماركو رېسپىنتى: «خىتاي ئۆزىنىڭ قەبىھ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى»«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» خەلقئارادىن تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانتايلاند نېمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى؟ئۇيغۇرلار: ئېغىر زۇلۇم، ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدىكى كۈرەش ۋە ئۈمىدلەرپارلامېنت ئەزاسى بۇغرا قاۋۇنجۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا سوئال قويدىئەنگىلىيەدىكى بورنېمۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشىنىش ۋە دۇنيانىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق لېكسىيە بېرىلگەن Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ»ئۇيغۇر ئەتلەس كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرلۇشى قانداق يۈزلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ؟ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇننىڭ يولى قانداق ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانتايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلارئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بەدىلىگە كەلگەن «تەرەققىيات» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ماركۇ رۇبىيو تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدىئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە غەزەپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى«دۇنيادىكى ئەركىنلىك 2025» : ھەقلەر ھامىيلىقىدىكى جاپالىق كۈرەشلەر«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خىتايدا غايىب بولغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە قوللانما تەقدىم قىلغانتەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەنشەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققا(1) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سائەت ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار قايتا ئەندىشە قوزغىماقتائۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى: خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ 910 مېتىرلىق قۇدۇق كولىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىشتۇرئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتى: مەسىلە ۋە لايىھەلەرئابدۇۋەلى ئايۇپ UNESCO يىغىنىدا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان«غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» مۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى سىياسىي قورالىد ئۇ ق تەيۋەندىكى يىغىندا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەگە تايانغان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ھالقىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەند ئۇ ق تەيۋەندە چاقىرىلغان خەلقئارا يىغىندا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدىئەنقەرەدە «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «شەرقىي تۈركىستان بالىلار ئەمگىكى» ناملىق ئىككى دوكلات تونۇشتۇرۇلدى«تەرجىمە قىلىش» مۇ ياكى «سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش» مۇ؟ئۇيغۇرلار شىۋېتسارىيەدە ئانا تىلى بايرىمىنى تەبرىكلىدىقۇتۇلغان ئىدرىس ۋە خەتەردىن قۇتۇلۇش يولى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە %20 نىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندىخىتاي كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى بويىچە ئۈرۈمچىدە 56 جايدا ئىش باشلىماقچىقازاقىستاننىڭ چېلەك يېزىسىدىكى مۇراسىمدا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق قايتا تەكىتلەندىئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدىخىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى-قاھىرەدىكى يەنە بىر يالغانچىلىق تەشۋىقاتىئانا تىل پىداكارلىرى 4-نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
loading
Comments