DiscoverTedbiryay تەدبىرياي
Tedbiryay تەدبىرياي

Tedbiryay تەدبىرياي

Author: Abdulaziz BEŞTOĞRAK

Subscribed: 29Played: 6,013
Share

Description

About my book reading podcats- تەدبىرياي ئۈن-سىن دەرسلىرى بۇ يەردە
You can find Podcasts in Uyghur, Turkish and Japanese, also in Chinese.
All related about Uygur Novels, İslamic lectures and Language studying podcasts...
سىز بۇيەردىن ئۇيغۇرلارغا، ئىسلامغا ۋە تىل ئۆگىنىشكە ئائىت ئۈن كىتابلارنى ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە ياپۇنچە، ھەمدە خەنزۇچە تىللاردا تەدبىرياي رادىئومىزدىن تاپالايسىز.
Breaker https://www.breaker.audio/tedbiryay
Castbox https://castbox.fm/channel/id1544624
Google Podcasts https://qrgo.page.link/fFCch
Overcast https://overcast.fm/p1579212-oNI3Qi
Pocket Casts https://pca.st/025P
2517 Episodes
Reverse
Envâru'l-Kur'ân 106. Ders [Yâsîn Suresi 13-32. Ayetler] - Prof.Dr. Mehmet Okuyan https://www.youtube.com/watch?v=hbJXJ2K0rjk --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
0Listen to "#Hafıza 19~24 Bölümler" by Tedbiryay تەدبىرياي. تۈركىيەنى ياخشى چۈشىنەي دېسىڭىز تىڭشاپ چىقىڭ! ⚓ https://anchor.fm/tedbiryay/episodes/Hafza-1923-Blmler-e1k4ld1 #Hafıza 19~23 Bölümler   https://open.spotify.com/playlist/2QSnUb8c1gWnjEMPNRlkCt https://www.youtube.com/playlist?list=PLi2sGG_WtBSI--SYpvK25-kV2_WTjdR8R #Hafıza #Tedbiryay #تەدبىرياي #Hafıza 19~24 Bölümler HAFIZA 30 video 22.329 görüntüleme Bugün güncellendi https://www.youtube.com/playlist?list=PLi2sGG_WtBSI--SYpvK25-kV2_WTjdR8R Yeni Şafak ABONE OLUNDU Listen to "BATILILAŞMA HİKAYESİNE İLK DEFA DUR DİYEN ADAM; ABDÜLHAMİD HAN _ HAFIZA 24.BÖLÜM" by Tedbiryay تەدبىرياي. https://open.spotify.com/episode/4Tk0u1XjpBKY0oT3A3Kf84 ⚓ https://anchor.fm/tedbiryay/episodes/BATILILAMA-HKAYESNE-LK-DEFA-DUR-DYEN-ADAM-ABDLHAMD-HAN-_-HAFIZA-24-BLM-e1kga0a https://youtu.be/K35Cdy_cdiU Eski Bölümler: https://www.youtube.com/playlist?list=PLi2sGG_WtBSI--SYpvK25-kV2_WTjdR8R https://open.spotify.com/playlist/2QSnUb8c1gWnjEMPNRlkCt #Hafıza24 #Tedbiryay --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
Evlilik [Kur'an'ın Söyledikleri 9. Bölüm] - Prof.Dr. Mehmet OkuyanEvlilik VE BOŞANMAK [Kur'an'ın Söyledikleri 9.&10. Bölüm] - Prof.Dr. Mehmet Okuyan نىكاھلىنىش ۋە ئاجرىشىش «قۇرئاننىڭ ئېيتقانلىرى» 9- ۋە 10-قىسمى پىروف.در.مەھمەت ئوقۇيان --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدرىلىك تىڭشارمەنلەر، تەدبىرياي تور رادىئومىز سىزلەرگە ناھايىتى بەلەن بىر ئۈن كىتاپنى سۇندى.  Listen to "باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر" by Tedbiryay تەدبىرياي. https://open.spotify.com/episode/72vK8hglyHJVpsTOeTAyhA ⚓ https://anchor.fm/tedbiryay/episodes/68-e27sum #تەدبىرياي تور رادىئومىز سىزلەرگە ناھايىتى بەلەن بىر ئۈن كىتاپنى سۇندى. تىڭشاش ئادرېسى: https://goo.gl/Z9yf5E https://yuzlen.net/?p=4508 #68گۆھەر #بايئاكام تىڭشاش ئادرېسى: https://goo.gl/Z9yf5E https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/7070--Goher-68-e27sum  بۇ ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش: ئۈرۈمچى «نۇر ۋە قەلەم» كىتابخانىسى ئادىل تۇنىياز تەرجىمە قىلغان «باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر» ناملىق كىتابنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقاتتى. بۇ ئۈن كىتابتا ئەلللامە ئۇستاز مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم، كىتاب ھەققىدە ئۆزى يازغان شېئىرىنى ۋە ئىز باسقان قىزى نەزىرە مۇھەممەت سالىھ يازغان ئىلاۋىسىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئوقۇغان. كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى بولسا داڭلىق رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبراھىم ئوقۇغان. توپ تارقىتىش ئورنى ئۈرۈمچى نۇر ۋە قەلەم كىتابخانىسى. ساتقۇچى ئورۇنلار: جايلاردىكى شىنخۇۋا كىتابخانىلىرى خەيىرلىك بولسۇن. --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
Listen to "«ھەج رىسالىسى» 26-26". https://open.spotify.com/episode/7iqxtK616fuX7OktimwtAY ⚓ https://anchor.fm/tedbiryay/episodes/26-26-e21r28 ئاڭلاڭ ۋە كىتاپلىرىنى چۈشۈرۈڭ! (APP+MP3+PDF) http://yuzlen.net/?p=1180 ھەج رىسالىسى ئۈنكىتاپ https://www.youtube.com/playlist?list=PLmzPlt07BuCxNL5w9YFv-_qCkZ4jKnont ئېلكىتاب تورىدا: https://elkitab.org/wp-content/uploads/2022/04/Hac-Risalesi-Uygurca.pdf #تەدبىرياي #Tedbiryay #HaccRisalesi ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياي تور رادئوسى تىڭشارمەنلىرىمىز، بۇرۇن ئېلان قىلغان « ھەج رىسالىسى» نى ئاڭلاڭ ۋە كىتاپلىرىنى چۈشۈرۈڭ! (APP+MP3+PDF) نامدىكى ھەج ۋە قۇربانلىق سوۋغىمىزنى يۈزلەن تورىدىكى تۈۋەندىكى ئادرېستىن تاپالايسىزلەر. http://yuzlen.net/?p=1180 مانا بۈگۈن سىزلەرگە تەدبىرياي توررادىئومىزدا بۇ ئۈن كىتاپنى سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئولتۇرۋاتىمىز. بۇ ئادرېس ئارقىلىق «ھەج رىسالىسى» نى تىڭشىيالايسىز: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/26-26-e21r28/ ئەگەر دوستلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز: https://anchor.fm/Tedbiryay/ نى تەۋسىيە قىلغايسىز. تەدبىرياي سىن دەرسلىرىمىز ئۈچۈن: www.tedbiryay.com تور كىتاپلىرىمىز ئۈچۈن: www.torkitap.com تور بەتلىرىمىز ئارقىلىق سىزلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياڭىزنى بېيتىش ئۈچۈن ئۈن-تىنىسز مۇلازىمەت قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن تەدبىرياي 18-ئاۋغۇست 2018 --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 Abdurehim Heyit Tüm Albümü ئۇستاز ئابدۇرېھىم ھېيت كۈيلىرى 9/9  ئۇستاز ئابدۇرېھىم ھېيت چىقارغان 9 ئەلبۇمنىڭ ھەممىسىنى تەدبىرياي رادىئوسىدىن بەھۇزۇر تىڭشىيالايسىز.  https://open.spotify.com/episode/7ipC9U5e50qEUcwTHeouH2 https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/Abdurehim-Heyit-Tm-Albm-----99-e36f2t ئاللاھ ئىگەم ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن خەيىرلىك ئىش قىلىمەن دەپ ئاققۇزغان قان-تەر بەدىلىگە، تېنىنى ساغلام ۋە رۇھىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلغاي! Abdurehim Heyit Tüm Albümü устаз абдуреһим һейт күйлири 9/9  устаз абдуреһим һейт чиқарған 9 әлбумниң һәммисини тәдбиряй радиосидин бәһузур тиңшиялайсиз.  https://open.spotify.com/episode/7ipC9U5e50qEUcwTHeouH2 https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/Abdurehim-Heyit-Tm-Albm-----99-e36f2t аллаһ игәм устазниң уйғур миллитимиз үчүн хәйирлик иш қилимән дәп аққузған қан-тәр бәдилигә, тенини сағлам вә руһини көтүрәңгү қилғай!  Uygur Ozanı Abdurehim Heyt´e ait olan 9 ablümdeki tüm eserlerini Tedbiryay Radyomuzdan dinleye bilir ve arkadaşlarınıza da tavsiye ede bilirsiniz. https://open.spotify.com/episode/7ipC9U5e50qEUcwTHeouH2 https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/Abdurehim-Heyit-Tm-Albm-----99-e36f2t Allah c.c. onun Uygur Türkleri için hayırlı işler yapmak üzere akıttığı tüm kanı ve teri bedeline kendisini selamet ve ruhunu da dinç yapsın! تەبىريايرادىئوسى 13-فېۋۇرال 2019 ئىستانبۇل #MeTooUyghur #MeTooHeyt #MeTooUygur #MenUyghur --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئۈن قۇرئان 114/114 --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياي تور رادىئوسىنىڭ تىڭشارمەنلىرى، بۈگۈن سىزلەرگە ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان ئائىلە، بالا ربىيىسى ۋە ئىلىم ئۆگۈنىش جەھەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىلىكتەۋسىيەلەرنى ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تىڭشاپ چىقىمىز. ھاياتى بۇيۇنچە يەكۈنلەپ مۇھىم تەۋسىيەلەرگە قۇلاق سېلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. Ustad Mustafa İSLAMOĞLU´nun kendi hayat tecürbelerinin önemli çıkarımları olan Aile,Çocuk terbiyesi ve ilim öğrneme ile alakalı konulardaki ´Tavsiyler´ini Anchor.fm/Tedbiryay Radyomuzda sizinle paylaştığımız´dan mutluluk duyarız. Sizde paylaşınız! Podcast dinleyiciler için iyi bir paylaşımdır. https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/-Tavsiyeler4040-e24mn0 باشقا دوستلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/-Tavsiyeler4040-e24mn0 Tavsiyeler – تەۋسىيەلەر (MP3) نى ھايات كىتابىم تورىدىن ئاڭلاڭ: http://yuzlen.net/?p=1189 !تەدبىر شېركىتى تەدبىر يېيىشنى داۋام قىلماقتا تەدبىرياي سىن دەرسلىرىمىز ئۈچۈن: www.tedbiryay.com --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 13.سىن دەرس «قەدر كېچىسى ۋە بەزى نەپلە روزىلار» ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق. مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ‮ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 31.سىن دەرس «قەدر كېچىسى ۋە بەزى نەپلە روزىلار» پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق.  گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 2019-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق. بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز. كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.  قەدىرك ئوقۇرمەن ۋە كۆرمەنلىرىمىز، ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 13.سىن دەرسىمىزدە  ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن «قەدر كېچىسى ۋە بەزى نەپلە روزىلار» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.  ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 13.سىن دەرس «قەدر كېچىسى ۋە بەزى نەپلە روزىلار» دىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:  3-قەدر كېچىسى 1-قەدر كېچىسى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى 2-قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى 3-قەدر كېچىسىنىڭ ۋاقتى 4-قەدر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى خ-بەزى نەپلە روزىلار  1-ئەرەفە كۈنى 2-شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن 3-دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى  4-ھەر ئايدا ئۈچ كۈن  5-ھەر ئىككى كۈننىڭ بىرى 6-ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار  د-سوئال-جاۋابلار  روزىنىڭ قازاسىنى قانداق تۇتىمىز؟   شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتقان كىشى ئۆمۈر بويى روزا تۇتقان بولامدۇ؟ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» توركىتابى مۇسۇلمانلار تورىدا www.musulmanlar.comپىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/TXecnvtgUjsفېيسبۇكتا كۆرۈش: https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos//تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/1313------e2sfir/a-aef0gsمۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: https://www.musulmanlar.com/?p=4311خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)http://www.musulmanlar.com/?p=3563خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)https://www.musulmanlar.com/?p=3556 مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 Ahiret [Kur'an'ın Söyledikleri 8. Bölüm] - Prof.Dr. Mehmet Okuyan پروف.در.مەھمەت ئوقۇيان 8-قىسىم  «قۇرئاننىڭ ئېيتقانلىرى» ئاخىرەت --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
MÜSLÜMAN OLMAYAN TÜRKLER TÜRKLÜĞÜNÜ KAYBETTİ (18. BÖLÜM تارىخىي ئەس) مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەر تۈركلىكىنى يوقاتتى https://www.youtube.com/watch?v=ZKSRC4BWvzo --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئۈنكىتاب: دېھقان بولماق تەس - روزى سايىت --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئەبۇ ھەنىفە؛ تەدبىرياي؛ ئۈن كىتاب؛ ئىسلام؛ مۇستافا ئىسلامئوغلى --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەدبىرياي تىڭشارمەنلىرى، يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ «كۆمۈرچى بالا» ناملىق رومانىنىڭ بىلقۇت شىركىتى تەرىپىدىن ئاۋازغا ئېلىپ تارقىتىلغان ئۈنكىتابىنى سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. تەدبىرياي رادىئودىن تىڭشاش:   ھۆرمەت بىلەن  تەدبىرياي رادىئو 30/04/2019  --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەدبىرياي رادىئونىڭ تىڭشارمەنلىرى،  بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسىرى «قۇباسقان شەھەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئاۋازلىقى، ‮21 يېرىم سائەتلىك 71 قىسىملىق ئۈن كىتاب: قۇم باسقان شەھەر.  ئاڭلاش ئادرېسى: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/21---71-e39dch  ;بۇ رومان توغرىلىق ئېيتىلغان يۈرەك سۆزلەردىن تەرمىلەر تۈۋەندىكىچە:  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا  ئابدۇقادىر جالالىدىن  ئانا تېما مەسىلىسى مىللىي ۋىجداننى ئۆز شەخسىيىتىگە ئايلاندۇرالىغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا خىرە – شىرە مەۋجۇت بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن تۈزۈك تىلغا ئېلىنمىدى. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر بىزدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئاجىز ھالقا بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ئۇزاق تارىخىي يىللار بىلەن تۇتىشىدۇ. بىز تارىختىن بېرى كۆپ تەرەپلىمە كۈچ بىلەن تەسىرلەشكەن مۇرەككەپ ھالەتلەردە ياشاپ كەلدۇق. بىزدىكى تارىخىي پاجىئەلەر ۋە ئۇتۇقلار مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيىسى، مىجەزى ۋە ئېتىقادى بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئامىللار تاشقى ئامىللارنىڭ كونكرېت خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرىكىپ، تارىخىي نۇقتىلارنىڭ ھەربىر دەۋرگە خاس مەزمۇنى ۋە ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلار ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم، ئىنچىكە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، نەزەرىيىۋى يەكۈن چىقارغان ئەسەرلەرنى تېخى ئۇچراتمىدۇق. پەلسەپە نامراتلىقى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزدە ئۆتمۈشتىكى ھەر قانداق دەۋرگە قارىغاندا، ئەڭ تىپىك باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى. مېنىڭچە، ئانا تېما ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن ئايرىم بولىدۇ، خۇددى مېكسىكا شائىرى ئوكتاۋىئوپاز: ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ”ھازىر“ دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. بىراق ”ھازىر“ نىڭ مەنىسى ھەر قايسى مىللەت ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ، دېگىنىدەك، ئانا تېما ھەربىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزىگە خاس مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە لايىق مەسىلىسى بولىدۇ. بۇ مەسىلە مىللەتنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت دەۋرىدىكى مەنپەئىتىنىڭ قانداق ئەكس ئېتىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. خۇددى بۈگۈنكى شارائىتتا پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىلەن تاجىكىستان خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىر – بىرىگە ئوخشىمىغاندەك. دېمەك، ئانا تېما مىللىي تەقدىرنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كونكرېت مەزمۇنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ، مىللەت تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئانا تېما مىللىي، دەۋرىي تۈس ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ ئىنسانىي تۈس ئېلىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى دۇنياۋى قاينامدىن خالىي تۇرىدىغان مىللەت ياكى تارىخ بولغان ئەمەس. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە لايىق مەسىلىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، تەن ۋە روھىيەت خىللىرى بويىچە روناق تېپىش، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي مەنىسىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ مەسىلە بۈگۈنكى مىللىي ئىدېئولوگىيىمىزنىڭ ھەر قانداق تارماقلىرىدا ئەكس ئېتىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جىددىي تەقەززالىق كەيپىياتىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر قوۋم ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى تاپالمىسا، ماددىي مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان پەن – تېخنىكا ئاخىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تېخنىكا جەمئىيەتتە ماددىي ھەشەمەت پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قورالدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلسىمۇ، بىراق مىللەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تۈپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمىدى. مانا بۇ، زامانىمىز كىشىلىرىگە ئورتاق بولغان پەن كرىزىسى. چۈنكى تېخى ئۇ، دۇنيادىكى بەختسىز ئادەملەرنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ بولالمىدى؛ ئۇ، غالىبلارنىڭ قولىدىكى قامچا بولۇپ كەلدى. پەننىڭ سەلتەنىتى ئورتاق قانائەتنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى ئۈستىگە قۇرۇلغاندا، ئۇ، كرىزىستىن ساقىيىدۇ. ئەمما بۇ پەقەتلا شائىرلار تەلمۈرۈپ كېلىۋاتقان گۈزەل چۆچەكتۇر، خالاس. داۋامىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدىن ئوقۇڭ: http://www.akademiye.org/ug/?p=11733  ئاۋازلىق كىتاب يۈزبېتىدىن چۈشۈرۈپ ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدۇ: https://www.facebook.com/awazliq.eserler/posts/162914880797878  ھۆرمەت بىلەن  ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق تەدبىرياي رادىئوسى 2019-يىلى 1-مارت --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياي رادىئونىڭ تىڭشارمەنلىرى، ھاياتىمغا ئەڭ زور تەسىر قىلغان نادىر ئەسەرلەردىن يەنە بىرى ئۇستاز خەۋىر تۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق رومانىدۇر. بەلكىم سىزگىمۇ تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن. ‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى  https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/11---61-e3agh4  ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەلقنىڭ ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئويغىنىشى ئۈچۈن ئاتىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ جېنىنى شېئىرلىردا ئېيتىلغان قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن شاھىت قىلغان مەرھۇم شائىر «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ئۆز جېنى ۋە ئەسەرلىرى بىلەنمۇ ئويغىتالمىغان بىز ئۇيغۇر خەلقى يەنىلام چەكسىز ئۆكىنىش ۋە پۇشايمان ئىچىدە ئەسلەيمىز. ئاللاھ ئىگەم شېھىدلىقىنى قوبۇل قىلسۇن!  شېئىرلىردا تەسۋىرلەنگەن مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن ھالى بىلەن تۈركىيەلىك شائىر مەھمەت ئاكىفنىڭ «ئۇمارمىيدىڭ» شېئىرىدا تەسۋىرلەنگەن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق، ھەتتا ئوخشاش بىر مۇسىبەتنىڭ ئوخشاش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان ئىكەن. Umar mıydın? - Mehmet AKİF ERSOY  https://youtu.be/dDW6Q4DnOY8 https://www.facebook.com/Tedbiryay/videos/10207159440237062/  بۈگۈنكى بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىزدىكى سەۋەبلەرنى ئىزدىگىنىمىزدە يەنىلا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىمىز- ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىك، ھېسسىياتنىڭ قۇلى بولۇش. ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلماسلىق.  قېنى قېرىندىشىم، سىزمۇ 11 يېرىم سائىتىڭىزنى چىقىرىپ، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» بىلەن يۈز يىل بۇرۇنقى ھاياتنى بىر ياشاپ بېقىڭ. نېمە ئويلار سىزنى ئۆزىنىڭ ئەسرىگە ئالىدىكىن؟ تۈركلەردە «ئەركەن ئۆرتەن خوروزۇن باشى كەسىلىر» (بالدۇر توۋلىغان خورازنىڭ بېشى ئۈزىلىدۇ) دېگەن ھېكمەتتىكىدەك، بالدۇر ئويغىنىشنىڭ بەدىلىنى ئۆتەشنىڭ تەمىنى تېتىشتىن يالتىياسىزمۇ ياكى بولمىسا يەنە نەچچە ئەسىرلىك ئاسارەتنى «سائادەت» دەپ ياشاپ كېتەسىزمۇ؟  روماننى تولۇق تىڭشاپ چىققاندىن كېيىن، قانداق قىلىشنى ئۆزىڭىز بېكىتىڭ. باشقىلار ئەمەس.  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدىكى بەزى ئەسلىمىلەرنى ئەركىن ئاسىيا ردىئوسىدىكى مۇنۇ ئۇلانمىدىن تىڭشاڭ.  بىزمۇ بۇ روماننىڭ تۈگەيدىغان يېرىگە ئۈن ئارخىپىنى قېتىپ قويدۇق. قېنى مەرھەمەت.  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھى دەۋرىمىز ياشلىرىدا ئويغانماقتا https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/abduxaliq-uyghur-03132017170630.html  ئاۋازلىق ئەسەرلەر يۈز بېتىدىنمۇ تىڭشىيالايسىز: https://goo.gl/Bw8iAi https://www.facebook.com/awazliq.eserler/  ھۆرمەت بىلەن  تەدبىرياي رادىئو ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق 28-فېۋۇرال 2019-يىل --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياي رادىئونىڭ تىڭشارمەنلىرى، دەرد-ئەلەمدە ئېزىلگەن قەلبىمىزگە شىفا بولسۇن دېگەن نىيەتتە، ئەقلىي تەپەككۇر قىلىدىغان قەلبلەر ئۈچۈن قېرىنىدىشمىز پىدائىي ئەخمەتجان كاشغەرىنىڭ ئاۋازىدا 30 سائەتلىك «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ئۈن كىتابىنى ھۇزۇرڭلارغا سۇندۇق. https://goo.gl/KtZHVd  ئىنشا ئاللاھ، قەلبتىن چىققان سۆزلەر قەلبكە يەتكۈسى.  سۆزلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولغان ئاللاھ كالامىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنالىرى قەلبىمىزگە ئورناشقۇسى، دەردىمىزگە داۋا بولغۇسى!   تۆۋەندىكى ئۇلانما ئارقىلىق 114 سۈرىنى ھەممىسىنى مۇسخاف تەرتىبى بۇيۇنچە تىڭشىيالايسىز: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/30--------1141114-e3a5e9  ئىنشا ئاللاھ، كېيىنچە نازىل بولۇش تەرتىۋى بويۇنچە سىزلەرگە سۇنۇشقا تىرىشىمىز.  باشقا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئۈن كىتابلىرى پات-يېقىندا ھۇزۇرىڭىزدا بولىدۇ.  ھۆرمەت بىلەن تەدبىرياي رادىئو ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق 2019-يىل 27-فېۋۇرال ئىستانبۇل --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياينىڭ تىڭشارمەنلىرى،  ھەممىڭلارنىڭ «ئاناتىل بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن! يازغۇچى  پەرھات جىلاننىڭ «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانىنىڭ  23 قىسىملىق تەخمىنەن 15 سائەتلىك ئۈنكىتابىنى سىزلەر بىلەن بەھىرلەندۇق. ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. https://goo.gl/i95rBy https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/2323-e3ag5t ياقتۇرغان بولساڭلار، رادىئومىزنى دوست-يارەنلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويغايسىزلەر. رادىئو ئاڭلاش ئېپىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز، تورلا بار مۇھىتتا، ھەرقانداق يەردە ئاڭلىيالايسىز. ماشىنا ھەيدەۋېتىپمۇ، تاماق ئېتىۋېتىپمۇ ئۈنكىتابلارنى ئاڭلىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. يەنە سەرخىل مەزمۇنلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.   ئاۋازلىق كىتاب فېيسبۇك سەھىپىسىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. https://goo.gl/gGQe8F https://www.facebook.com/awazliq.eserler/   «ئورخۇن شەجەرىسى» نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئا. خۇتەنى قېرىندىشىمىزنىڭ تەسىراتى:  شۇنداق، يېزىشىمىز كېرەك! ئەجدادلىرىمىز قان بىلەن يازغان شۇ مەڭگۈ تاشلارنى قايتىدىن يېزىشىمىز، شۇ نام ئاتاقلىرىمىزنى قايتىدىن تىكلىشىمىز كېرەك..! ئەمما يازىمىز دەپلا يازغىلى، تىكلەيمىز دەپلا تىكلىگىلى بولمايدۇدە! ئاۋۋال شۇ مەڭگۈ تاشلارنى ئوقىشىمىز كېرەك! ئوقۇماي تۇرۇپ قانداقمۇ يازالايمىز؟ ئىگىمىزنىڭ بىزلەرگە قىلغان تۇنجى ۋە ئومۇمى خىتابى"ئوقۇ" دىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئۇ مەڭگۈ تاشلارنى بىزلەرگە ئىلھام ۋە مەدەت بولسۇن دەپ تىكلىگەن ،شۇ مەڭگۈ تاشلىرى ئارقىلىق مىڭ نەچچە يۈزيىل ئىلگىرىلا بىزنى يېزىشقا، ئەجداد ئىزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈن شۇ ئۇلۇغلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولمىش بىزلەر، ئۇلارنىڭ شانلىق خاتىرىلىنى يېزىپ داۋاملاشتۇرۇش ئەمەس، ئەكىسچە ئوقۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتىمىز. ئۆز ئىزىمىزنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئەمەس، ئۆزىمىز ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز...! بىلىمنىڭ نەقەدەر كاتتا بىر نىئمەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، بۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا" بىلگە"(بىلىملىك مەنىسىدە) نامىنى قوشۇپ ئاتاشقان شانلىق تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇشقا يۈزلىنىۋاتىمىز. دەستۇرىمىز قۇرئانى كەرىمنىڭ "ئوقۇ ۋە بىل" توغرىسىدىكى ئايەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى، دىنىمىزنىڭ بىزنى "بىلىشكە" ئۈندەۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە بىزلەرنىڭ ھەقىقى بىلىم ساھىبى ئۈممەت بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز...! ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئوقۇماسلىققا، بىلىشكە ئىنتىلمەسلىككە يەنە ھەققىمىز بارمۇ؟ قېنى كىلىڭ بىرلىكتە ئوقۇيايلى،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى، ئەجدادلار ئىزىنى ئۆچۈرۈپ قويماي كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزەيلى، ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىپ يۈزىمىزنى يورۇق قىلايلى. بەلكى بىر كۈنلەردە پەخىرلەنگەن ھالدا مەڭگۈ تېشىمىزغا " مەن پالانىچى، ۋەتىنىم ئۈچۈن مۇنۇ مۇنۇ ئىشلارنى قىلدىم، خەلقىمنىىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، يۈزىنى كۈلدۈردۇم" دەپ يازالىساق ئەجەپ ئەمەس....! ئا.خوتەنى  https://www.facebook.com/kitaphumarlar/photos/a.1058702877613014/1071089523041016/ ھۆرمەت بىلەن تەدبىرياي رادىئوسى 26/02/2019  --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياينىڭ تىڭشارمەنلىرى،  ھەممىڭلارنىڭ «ئاناتىل بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن! يازغۇچى  ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم» رومانىنىڭ بىلقۇت شىركىتى تەرىپىدىن ئۈنگە ئېلىنغان 40 قىسىملىق تەخمىنەن 30 سائەتلىك ئۈنكىتابىنى سىزلەر بىلەن بەھىرلەندۇق. ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. https://goo.gl/hwRW2S https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/4040-e38r25  ئەسكەتىش:  مۇشۇ جاللاتلىقنى ھېچقاچان ئايال زاتىغا يېقىشتۇرالمايمەن. يازغۇچى نېمىشقا رومانىغا خېنىملارغا يات بولغان «جاللات خېنىم» دېگەن ئىسىمنى قويدى، ھېچ بېلەلمىدىم. بەلكىم بۇ روماننى تىڭشاپ چىقساق، بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتەلىشىمىز مۇمكىن. قېنى مەرھەمەت! تىڭشاشنى باشلاپ كېتەيلىك.  ھەر يىگىتنىڭ يېنىدا، چېكىسىگە گۈل قىلىپ تېڭىۋالغىدەك جەسۇر، ئەقىللىق، مېھرىبان، نازاكەتلىك خېنىمى بولغاي. خېنىملىرى دېمىدىم جۇما، خېنىمى دېدىم. (ئىككى چىشلىق كېۋەزدەك ھىجايغان چىراي) ياقتۇرغان بولساڭلار، رادىئومىزنىدوست-يارەنلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويغايسىزلەر. رادىئو ئاڭلاش ئېپىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز، تورلا بار مۇھىتتا، ھەرقانداق يەردە ئاڭلىيالايسىز. ماشىنا ھەيدەۋېتىپمۇ، تاماق ئېتىۋېتىپمۇ ئۈنكىتابلارنى ئاڭلىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. يەنە سەرخىل مەزمۇنلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز. ئاۋازلىق كىتاب فېيسبۇك سەھىپىسىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. https://goo.gl/rokomB https://www.facebook.com/awazliq.eserler/ ھۆرمەت بىلەن تەدبىرياي رادىئوسى 21/02/2019  --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياينىڭ تىڭشارمەنلىرى،  يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ «ئامەت ۋە ئاپەت» رومانىنىڭ بىلقۇت شىركىتى تەرىپىدىن ئۈنگە ئېلىنغان  47 قىسىملىق تەخمىنەن 38 سائەتلىك ئۈنكىتابىنى سىزلەر بىلەن بەھىرلەندۇق. ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. https://goo.gl/8pKLeN https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/4747-e38cbk   ياقتۇرغان بولساڭلار، رادىئومىزنىدوست-يارەنلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويغايسىزلەر.  رادىئو ئاڭلاش ئېپىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز، تورلا بار مۇھىتتا، ھەرقانداق يەردە ئاڭلىيالايسىز. ماشىنا ھەيدەۋېتىپمۇ، تاماق ئېتىۋېتىپمۇ ئۈنكىتابلارنى ئاڭلىشىڭىز تامامەن مۇمكىن.  يەنە سەرخىل مەزمۇنلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.  ئاۋازلىق كىتاب فېيسبۇك سەھىپىسىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. https://goo.gl/V22PFp https://www.facebook.com/awazliq.eserler/  ھۆرمەت بىلەن تەدبىرياي رادىئوسى 20/02/2019 --- Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
loading
Comments (4)

Abdulaziz Bestograk

ماۋۇ 《مىراسخور》 دېگەن كىنونى كۆرمىگەن كۆرمىگەنلەر ئارماندا، تىڭشىغانلار دەرماندا.

Nov 14th
Reply

Playaraw

JazakhAllahkhair !

Jun 22nd
Reply

IIham Kerim

Great collection! Thank you very much for your kind work.

Oct 12th
Reply (1)