DiscoverTedbiryay تەدبىريايئۈنكىتاب: «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانى 23/23
ئۈنكىتاب: «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانى 23/23

ئۈنكىتاب: «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانى 23/23

Update: 2019-02-261
Share

Description

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياينىڭ تىڭشارمەنلىرى،


 ھەممىڭلارنىڭ «ئاناتىل بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن! يازغۇچى  پەرھات جىلاننىڭ «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانىنىڭ  23 قىسىملىق تەخمىنەن 15 سائەتلىك ئۈنكىتابىنى سىزلەر بىلەن بەھىرلەندۇق. ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. https://goo.gl/i95rBy


https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/2323-e3ag5t


ياقتۇرغان بولساڭلار، رادىئومىزنى دوست-يارەنلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويغايسىزلەر. رادىئو ئاڭلاش ئېپىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز، تورلا بار مۇھىتتا، ھەرقانداق يەردە ئاڭلىيالايسىز. ماشىنا ھەيدەۋېتىپمۇ، تاماق ئېتىۋېتىپمۇ ئۈنكىتابلارنى ئاڭلىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. يەنە سەرخىل مەزمۇنلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.  


ئاۋازلىق كىتاب فېيسبۇك سەھىپىسىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. https://goo.gl/gGQe8F https://www.facebook.com/awazliq.eserler/ 




 «ئورخۇن شەجەرىسى» نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئا. خۇتەنى قېرىندىشىمىزنىڭ تەسىراتى:


 شۇنداق، يېزىشىمىز كېرەك! ئەجدادلىرىمىز قان بىلەن يازغان شۇ مەڭگۈ تاشلارنى قايتىدىن يېزىشىمىز، شۇ نام ئاتاقلىرىمىزنى قايتىدىن تىكلىشىمىز كېرەك..!

ئەمما يازىمىز دەپلا يازغىلى، تىكلەيمىز دەپلا تىكلىگىلى بولمايدۇدە!

ئاۋۋال شۇ مەڭگۈ تاشلارنى ئوقىشىمىز كېرەك!

ئوقۇماي تۇرۇپ قانداقمۇ يازالايمىز؟

ئىگىمىزنىڭ بىزلەرگە قىلغان تۇنجى ۋە ئومۇمى خىتابى"ئوقۇ" دىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟

ئەجدادلىرىمىز ئۇ مەڭگۈ تاشلارنى بىزلەرگە ئىلھام ۋە مەدەت بولسۇن دەپ تىكلىگەن ،شۇ مەڭگۈ تاشلىرى ئارقىلىق مىڭ نەچچە يۈزيىل ئىلگىرىلا بىزنى يېزىشقا، ئەجداد ئىزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

ھالبۇكى بۈگۈن شۇ ئۇلۇغلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولمىش بىزلەر، ئۇلارنىڭ شانلىق خاتىرىلىنى يېزىپ داۋاملاشتۇرۇش ئەمەس، ئەكىسچە ئوقۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتىمىز. ئۆز ئىزىمىزنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئەمەس، ئۆزىمىز ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز...!

بىلىمنىڭ نەقەدەر كاتتا بىر نىئمەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، بۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا" بىلگە"(بىلىملىك مەنىسىدە) نامىنى قوشۇپ ئاتاشقان شانلىق تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇشقا يۈزلىنىۋاتىمىز.

دەستۇرىمىز قۇرئانى كەرىمنىڭ "ئوقۇ ۋە بىل" توغرىسىدىكى ئايەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى، دىنىمىزنىڭ بىزنى "بىلىشكە" ئۈندەۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە بىزلەرنىڭ ھەقىقى بىلىم ساھىبى ئۈممەت بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز...!


ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئوقۇماسلىققا، بىلىشكە ئىنتىلمەسلىككە يەنە ھەققىمىز بارمۇ؟


قېنى كىلىڭ بىرلىكتە ئوقۇيايلى،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى، ئەجدادلار ئىزىنى ئۆچۈرۈپ قويماي كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزەيلى، ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىپ يۈزىمىزنى يورۇق قىلايلى.


بەلكى بىر كۈنلەردە پەخىرلەنگەن ھالدا مەڭگۈ تېشىمىزغا " مەن پالانىچى، ۋەتىنىم ئۈچۈن مۇنۇ مۇنۇ ئىشلارنى قىلدىم، خەلقىمنىىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، يۈزىنى كۈلدۈردۇم" دەپ يازالىساق ئەجەپ ئەمەس....!


ئا.خوتەنى 


https://www.facebook.com/kitaphumarlar/photos/a.1058702877613014/1071089523041016/


ھۆرمەت بىلەن تەدبىرياي رادىئوسى 26/02/2019 



---

Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
Comments 
In Channel
loading
00:00
00:00
x

0.5x

0.8x

1.0x

1.25x

1.5x

2.0x

3.0x

Sleep Timer

Off

End of Episode

5 Minutes

10 Minutes

15 Minutes

30 Minutes

45 Minutes

60 Minutes

120 Minutes

ئۈنكىتاب: «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانى 23/23

ئۈنكىتاب: «ئورخۇن شەجەرىسى» رومانى 23/23

Abdulaziz BEŞTOĞRAK