DiscoverTedbiryay تەدبىريايئۈنكىتاب: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە - زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ئۈنكىتاب: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە - زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ئۈنكىتاب: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە - زۇلپىقار بارات ئۆزباش

Update: 2019-04-201
Share

Description

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياي تىڭشارمەنلىرى،


 زۇلپىقار بارات ئۆزباش يازغان «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق ئەدەبىي ساياھەت خاتېرىسىنىڭ ئۈن كىتابىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


مۇساپىرلىقتىكى ۋەتەنسىز ھاياتتا ئەلبەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلىرى ۋە ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئىزدىنىپ ئالغان بىلىملىرى ئاساسىدا مەلۇم بىر دۇنيا كۆزقارىشى بولىدۇ. بۇنى ئۆز مىللىتىگە ئانا تىلىدا سۇنماقتىنمۇ بەخىتلىك بىر ئىش بولماس. قېنى بىرلىكتە زۇلپىقار ئۆز باشنىڭ قەلەملىرىدىن تۆكۈلگەن ھايات دۇردانىلىرىگە قۇلاق بېرەيلى.


 تەدبىرياي رادىئودىن تىڭشاش: https://qrgo.page.link/9Evb


https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/--e3o92n


كىتابنى چۈشۈرۈپ ئوقۇش ئادرېسلىرى:


يانغىن كىتاب: https://qrgo.page.link/oVb2


 ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ. 


 تەدبىرياي رادىئو


20/04/2019



---

Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
Comments 
loading
In Channel
loading
00:00
00:00
x

0.5x

0.8x

1.0x

1.25x

1.5x

2.0x

3.0x

Sleep Timer

Off

End of Episode

5 Minutes

10 Minutes

15 Minutes

30 Minutes

45 Minutes

60 Minutes

120 Minutes

ئۈنكىتاب: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە - زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ئۈنكىتاب: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە - زۇلپىقار بارات ئۆزباش

Abdulaziz BEŞTOĞRAK