DiscoverTedbiryay تەدبىرياي‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى
‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى

‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى

Update: 2019-02-281
Share

Description

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تەدبىرياي رادىئونىڭ تىڭشارمەنلىرى،


ھاياتىمغا ئەڭ زور تەسىر قىلغان نادىر ئەسەرلەردىن يەنە بىرى ئۇستاز خەۋىر تۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق رومانىدۇر. بەلكىم سىزگىمۇ تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن.


‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى 


https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/11---61-e3agh4


 ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەلقنىڭ ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئويغىنىشى ئۈچۈن ئاتىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ جېنىنى شېئىرلىردا ئېيتىلغان قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن شاھىت قىلغان مەرھۇم شائىر «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ئۆز جېنى ۋە ئەسەرلىرى بىلەنمۇ ئويغىتالمىغان بىز ئۇيغۇر خەلقى يەنىلام چەكسىز ئۆكىنىش ۋە پۇشايمان ئىچىدە ئەسلەيمىز. ئاللاھ ئىگەم شېھىدلىقىنى قوبۇل قىلسۇن!


 شېئىرلىردا تەسۋىرلەنگەن مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن ھالى بىلەن تۈركىيەلىك شائىر مەھمەت ئاكىفنىڭ «ئۇمارمىيدىڭ» شېئىرىدا تەسۋىرلەنگەن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق، ھەتتا ئوخشاش بىر مۇسىبەتنىڭ ئوخشاش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان ئىكەن.


Umar mıydın? - Mehmet AKİF ERSOY  https://youtu.be/dDW6Q4DnOY8


https://www.facebook.com/Tedbiryay/videos/10207159440237062/


 بۈگۈنكى بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىزدىكى سەۋەبلەرنى ئىزدىگىنىمىزدە يەنىلا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىمىز- ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىك، ھېسسىياتنىڭ قۇلى بولۇش. ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلماسلىق.


 قېنى قېرىندىشىم، سىزمۇ 11 يېرىم سائىتىڭىزنى چىقىرىپ، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» بىلەن يۈز يىل بۇرۇنقى ھاياتنى بىر ياشاپ بېقىڭ. نېمە ئويلار سىزنى ئۆزىنىڭ ئەسرىگە ئالىدىكىن؟ تۈركلەردە «ئەركەن ئۆرتەن خوروزۇن باشى كەسىلىر» (بالدۇر توۋلىغان خورازنىڭ بېشى ئۈزىلىدۇ) دېگەن ھېكمەتتىكىدەك، بالدۇر ئويغىنىشنىڭ بەدىلىنى ئۆتەشنىڭ تەمىنى تېتىشتىن يالتىياسىزمۇ ياكى بولمىسا يەنە نەچچە ئەسىرلىك ئاسارەتنى «سائادەت» دەپ ياشاپ كېتەسىزمۇ؟


 روماننى تولۇق تىڭشاپ چىققاندىن كېيىن، قانداق قىلىشنى ئۆزىڭىز بېكىتىڭ. باشقىلار ئەمەس.


 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدىكى بەزى ئەسلىمىلەرنى ئەركىن ئاسىيا ردىئوسىدىكى مۇنۇ ئۇلانمىدىن تىڭشاڭ.


 بىزمۇ بۇ روماننىڭ تۈگەيدىغان يېرىگە ئۈن ئارخىپىنى قېتىپ قويدۇق. قېنى مەرھەمەت.


 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھى دەۋرىمىز ياشلىرىدا ئويغانماقتا


https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/abduxaliq-uyghur-03132017170630.html


 ئاۋازلىق ئەسەرلەر يۈز بېتىدىنمۇ تىڭشىيالايسىز: https://goo.gl/Bw8iAi


https://www.facebook.com/awazliq.eserler/




 ھۆرمەت بىلەن


 تەدبىرياي رادىئو


ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق


28-فېۋۇرال


2019-يىل





---

Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message
Comments 
In Channel
loading
00:00
00:00
x

0.5x

0.8x

1.0x

1.25x

1.5x

2.0x

3.0x

Sleep Timer

Off

End of Episode

5 Minutes

10 Minutes

15 Minutes

30 Minutes

45 Minutes

60 Minutes

120 Minutes

‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى

‮11 يېرىم سائەتلىك 61 قىسىملىق ئۈنكىتاب: «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى

Abdulaziz BEŞTOĞRAK