21 يېرىم سائەتلىك 71 قىسىملىق ئۈن كىتاب: قۇم باسقان شەھەر
Description
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەدبىرياي رادىئونىڭ تىڭشارمەنلىرى،
بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسىرى «قۇباسقان شەھەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئاۋازلىقى، 21 يېرىم سائەتلىك 71 قىسىملىق ئۈن كىتاب: قۇم باسقان شەھەر.
ئاڭلاش ئادرېسى: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/21---71-e39dch
;بۇ رومان توغرىلىق ئېيتىلغان يۈرەك سۆزلەردىن تەرمىلەر تۈۋەندىكىچە:
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئانا تېما مەسىلىسى مىللىي ۋىجداننى ئۆز شەخسىيىتىگە ئايلاندۇرالىغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا خىرە – شىرە مەۋجۇت بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن تۈزۈك تىلغا ئېلىنمىدى. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر بىزدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئاجىز ھالقا بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ئۇزاق تارىخىي يىللار بىلەن تۇتىشىدۇ. بىز تارىختىن بېرى كۆپ تەرەپلىمە كۈچ بىلەن تەسىرلەشكەن مۇرەككەپ ھالەتلەردە ياشاپ كەلدۇق. بىزدىكى تارىخىي پاجىئەلەر ۋە ئۇتۇقلار مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيىسى، مىجەزى ۋە ئېتىقادى بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئامىللار تاشقى ئامىللارنىڭ كونكرېت خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرىكىپ، تارىخىي نۇقتىلارنىڭ ھەربىر دەۋرگە خاس مەزمۇنى ۋە ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلار ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم، ئىنچىكە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، نەزەرىيىۋى يەكۈن چىقارغان ئەسەرلەرنى تېخى ئۇچراتمىدۇق. پەلسەپە نامراتلىقى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزدە ئۆتمۈشتىكى ھەر قانداق دەۋرگە قارىغاندا، ئەڭ تىپىك باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى. مېنىڭچە، ئانا تېما ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن ئايرىم بولىدۇ، خۇددى مېكسىكا شائىرى ئوكتاۋىئوپاز: ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ”ھازىر“ دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. بىراق ”ھازىر“ نىڭ مەنىسى ھەر قايسى مىللەت ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ، دېگىنىدەك، ئانا تېما ھەربىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزىگە خاس مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە لايىق مەسىلىسى بولىدۇ. بۇ مەسىلە مىللەتنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت دەۋرىدىكى مەنپەئىتىنىڭ قانداق ئەكس ئېتىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. خۇددى بۈگۈنكى شارائىتتا پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىلەن تاجىكىستان خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىر – بىرىگە ئوخشىمىغاندەك. دېمەك، ئانا تېما مىللىي تەقدىرنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كونكرېت مەزمۇنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ، مىللەت تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئانا تېما مىللىي، دەۋرىي تۈس ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ ئىنسانىي تۈس ئېلىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى دۇنياۋى قاينامدىن خالىي تۇرىدىغان مىللەت ياكى تارىخ بولغان ئەمەس. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە لايىق مەسىلىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، تەن ۋە روھىيەت خىللىرى بويىچە روناق تېپىش، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي مەنىسىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ مەسىلە بۈگۈنكى مىللىي ئىدېئولوگىيىمىزنىڭ ھەر قانداق تارماقلىرىدا ئەكس ئېتىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جىددىي تەقەززالىق كەيپىياتىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر قوۋم ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى تاپالمىسا، ماددىي مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان پەن – تېخنىكا ئاخىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تېخنىكا جەمئىيەتتە ماددىي ھەشەمەت پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قورالدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلسىمۇ، بىراق مىللەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تۈپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمىدى. مانا بۇ، زامانىمىز كىشىلىرىگە ئورتاق بولغان پەن كرىزىسى. چۈنكى تېخى ئۇ، دۇنيادىكى بەختسىز ئادەملەرنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ بولالمىدى؛ ئۇ، غالىبلارنىڭ قولىدىكى قامچا بولۇپ كەلدى. پەننىڭ سەلتەنىتى ئورتاق قانائەتنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى ئۈستىگە قۇرۇلغاندا، ئۇ، كرىزىستىن ساقىيىدۇ. ئەمما بۇ پەقەتلا شائىرلار تەلمۈرۈپ كېلىۋاتقان گۈزەل چۆچەكتۇر، خالاس.
داۋامىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدىن ئوقۇڭ: http://www.akademiye.org/ug/?p=11733
ئاۋازلىق كىتاب يۈزبېتىدىن چۈشۈرۈپ ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدۇ: https://www.facebook.com/awazliq.eserler/posts/162914880797878
ھۆرمەت بىلەن
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق
تەدبىرياي رادىئوسى
2019-يىلى 1-مارت
---
Send in a voice message: https://anchor.fm/tedbiryay/message